زېيتىنبۇرنىدا «شەرقىي تۈركىستانغا دۇئا» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

زېيتىنبۇرنىدا «شەرقىي تۈركىستانغا دۇئا» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
28- فېۋرال شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى مەدرىسىدە 4- قېتىملىق« شەرقىي تۈركىستانغا دۇئا» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
پائالىيەتنى تۈرك خانىم- قىزلىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە تۈرك ۋە ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاتاپ بىر قوي قۇربانلىق قىلىندى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەت ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىقى 4- قېتىملىقى ئىكەن. ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە بىر قوينى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

بۇ خەۋەر 1711 قېتىم كۆرۈلدى
29/02/2020 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق