ئىستانبۇلدا ئوسمان باتۇر شاھادىتىنىڭ 69 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىستانبۇلدا ئوسمان باتۇر شاھادىتىنىڭ 69 يىللىقى خاتىرىلەندى
27- فېۋرال ئىستانبۇل زېيتىنبۇرنۇ رايونى ئاقدېنىز زالىدا ئوسمان باتۇر شاھادىتىنىڭ 69 يىللىقى خاتىرىلەندى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، ئىيسايۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىدى.
پائالىيەتكە ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار ئەزاسى پروفېسسور، دوكتور راغىب قۇتاي قاراجا، دوكتور ئابدۇلۋاھاب قارار، دوچەنت دوكتور تېكىن تۇنجىئېۋى، دوكتۇر تۇران رەھمەت ئۇلايى قاتارلىق ئاكادېمىكلار ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە، ئوسمان باتۇر شاھادىتىنىڭ 69 يىللىقى خاتىرىلەندى ھەمدە ئاكادېمىكلار ئوسمان باتۇرنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى ۋە نەمۇنىلىك ئىش- ئىزلىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، قەھرىمانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئەسلەشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
پائالىيەتتە يەنە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى يازغان « ئوسما باتۇر» ناملىق كىتاب تەبرىكلەندى. ھەمدە يېغىن قاتناشقۇچىلارغا ھەدىيە قىلىندى.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

بۇ خەۋەر 1543 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2020 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق