ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك ھەج ۋىزىسى توختىتىلدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك ھەج ۋىزىسى توختىتىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 27-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ھەج قىلغۇچىلارغا ۋىزا بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇندىن باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بېرىلىۋاتقان ساياھەت ۋىزىسىمۇ توختىتىلغان.
نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىران، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقىلىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە ئىراننىڭ ۋەزىيىتى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار 139غا، ئۆلگەنلەر 19غا يەتكەن.

بۇ خەۋەر 21901 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2020 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق