خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئەنقەرەدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
25– فېۋرال خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنى ئەنقەرەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلىدى.
ھەيئەت 26- فېۋرال چۈشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تۈركىيەنىڭ سىياسى مەركىزى ئەنقەرەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان زىيارەت جەريانىدا، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، ئىيى پارتىيە، ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىر- بىرلەپ كۆرۈشتى. ھەر قايسى سىياسى پارتىيە رەھبەرلىرى ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھەيئەت ھەربىر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى ، خىتاينىڭ ۋىرۇس باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى، بارلىق دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋىرۇستىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلىش ھەمدە بارلىق مۇھىم يىغىنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقان بىر پەيىتتە، نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى لاگېر ، تۈرمىلەردە تۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار ھەققىدە دوكلات بەردى.
زىيارەت داۋامىدا يەنە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇ ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. تۈركىيە ھاكىمىيىتى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ مەسىلىنى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى، ئەگەر بۇ مەسىلە سەل قارالسا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595