خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەنقەرەدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى


خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەنقەرەدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى
25 – فېۋرال خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنى ئەنقەرەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلىدى.
بۈگۈن ھەيئەت بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى باش مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. پارتىيە رەئىسى مۇستاپا دەسىتىجى ئەپەندى ھەيئەتنى مەركىزىي ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
ھەيئەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە تۈركيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ھەيئەت يەنە بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: شەرقىي تۈركسىتاننىڭ يېقىنقى ۋەزىيەت ئەھۋالى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكى، خەلقئارادا ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق يىغىلىشلارنىڭ ۋە ئىجتىمائىي سورۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقان بىر پەيىتتە، شەرقىي تۈركسىتاندىكى نەچچە مىليون خەلقنىڭ يەنە لاگېردا يېتىۋاتقانلىقىنى ، بۇ مەسىلىگە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشى، ئەگەر بۇ مەسىلە سەل قارالسا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

بۇ خەۋەر 2505 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق