بىر ھەيئەت كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەتنى زىيارەت قىلدى

بىر ھەيئەت كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەتنى زىيارەت قىلدى
25- فېۋرال خەلقئارا شەرقىي تۈركستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى تۇران بېدىرخانئوغلۇنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخاننىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەتنى تۇران بېدىرخانئوغلۇ ئىشخانىسدا كۈتۈۋالدى.
ھەيئەت تۇران بېدىرخانئوغلۇغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا يۈرگۇزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى، كۈچۈكچەكمەجە رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە ئۇلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى تونۇشتۇردى ھەمدە قېيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

بۇ خەۋەر 1362 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2020 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق