شەرقىي تۈركىستاندا ئىقتىسادقا كۈچەش ھەققىدە يىغىن ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستاندا ئىقتىسادقا كۈچەش ھەققىدە يىغىن ئېچىلدى

ئاتالمىش«شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 24-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىرىلغان.

يىغىندا ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشكىمۇ كۈچەش، يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقرىشىنى چىڭ تۇتۇش لازىملىقى بىلدۈرۈلگەن.

ۋۇخەن ۋىرۇسى ئارقىسدا شەھەر-يېزىلارنىڭ قامال قىلىنىشى، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا ئېغىر چېكىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ھەرخىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي زىيانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشقان.

 خىتاي مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغانلار 76 كىشى، ئۆلگەنلەر 2 كىشى بولغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

بۇ خەۋەر 1934 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2020 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق