شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 24-فېۋرال بەرگەن خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 76غا يەتكەن.

ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار نۆۋەتتە 76 بولۇپ، يېڭىدىن يۇقۇملىنىش، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ئۈرۈمچىدە ئۈچ كىشى، باشقا رايونلاردا 25 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، 28 كىشى دوختۇرخانىدىن چىققان. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە 10، غۇلجىدا 12، سانجىدا 1، تۇرپاندا 2، ئاقسۇدا 1، كورلىدا 1، 4-دېۋىزىيەدە 10، 6-دېۋىزىيەدە 2، شىخو شەھىرىدە 2، 9-دېۋىزىيەدە 3، 12-دېۋىزىيەدە 3 كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەھۋالى ئېغىرلىرى 9، خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار 2 ئىكەن. بۇلاردىن سىرت پۈتكۈل رايوندا كۆزىتىلىۋاتقان 4526كە يەتكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 1483 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2020 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق