خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يېڭى مەسىلىلەرگە ئىپادە بىلدۈردى

ۋۇخەن ۋىرۇسى شەرقىي تۈركىستانغا تارقالغاندىن كېيىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىكى خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلەر كۈچىيىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇنىڭغا ئالاقىدار تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلەر كۈچەيدى.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت 22-فېۋرال بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»دىكىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە لاگېرلىرىدا يۇقۇملانغانلارنىڭ بايقالمىغانلىقىنى، خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ۋەزىيەتنى بۇرمىلاپ، يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇندىن باشقا 24-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ ھۆججەتلەرنى يالغانغا چىقارغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ نورمال ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى، ناھايىتى ئاز بىر قىسمى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بۇ ھۆججەتلەرنى چەتئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى جار سالغان.

ئۇندىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان ئون نەچچە كىشىنىڭ ھېچقانداق جازاغا ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن نورمال ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن.

بۇ خەۋەر 1453 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2020 10:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق