مانىسا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان...


22-فېۋرال مانىسا شەھىرىدە  « شەرقىي تۈركىستاندا قانداق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. 
پائالىيەتنى مانىسا ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى بىلەن مىللى ياشلار ۋەقڧى تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 

پالىيەت مانىشا شەھىرىنىڭ شاھزدىلەررايونى ۋە  رۇم مەھمەت پاشا رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى. 
پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان  ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1949- يىلى شەرقى تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنسزلاشتۇرش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن  داۋملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى،  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىسلامىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىلەردىمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 24623 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2019 19:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق