ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان: شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرماقتا

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان 23-فېۋرال تۈركىيە ئىلكە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى يېڭىدىن دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر نەچچە يىلدى بۇيان جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىپ، قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، يېقىندا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەمدە ۋىرۇس تارقىلىپ كەتسە، ئۆز خەلقىگىمۇ رەھىم قىلمىغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ رەھىم قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندا كوچىلار قامال قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەنلىك سەۋەبلىك ئاچارچىلىق ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى زاپاس ئاشلىقى بولمىغان خەلقنىڭ ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىردى.

بۇ خەۋەر 10727 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2020 07:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق