كاستامونۇدا ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

كاستامونۇدا ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى
23-فېۋرال كاستامۇنۇدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
يىغىلىشنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنيەت ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىلىشقا كاستانومۇدا ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ۋە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىراك قىلدى. يىغىلىشقا ۋەقفى مەركىزىدىن ئۆمەر قارىھاجىم ۋە ئابدۇرېشىت ئەمىن قاتناشتى. ئۆمەر قارىھاجىم «ئۈمىدۋار بولۇش» دېگەن تېمىدا توختىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتقان بىر پەيتتە، قايغۇنى كۈچكە ۋە جاسارەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن تىرىشپ ئوقۇشقا چاقىرىق قىلدى.
يىغىلىشقا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدى. يىغىلىشقا قاتناشقان ئەنقەرە ئوقۇتقۇچىلار ئەزاسى دوكتور نەمەتجان مەھمەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىقلارنى ئاڭلاپ چىقتى ھەمدە ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

 

بۇ خەۋەر 1413 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق