خىتاي ئۇيغۇلارنى قىرغىن قىلىش مەقسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

خىتاي ئۇيغۇلارنى قىرغىن قىلىش مەقسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

22-فېۋرال خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندىن 174 كىشىنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەڭ تىز بولۇۋاتقان خۇنەنگە سۈرگۈن قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىشتەك رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى.
ئۈچ يىلدىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋىرۇسنىڭ تېزلىكتە تارقىلىۋاتقان، خەلقئارا جەمئيەت ۋىرۇس سەۋەبلىك خىتايغا بېرىشتىن قورقۇۋاتقان، خىتاي بىلەن بارلىق مۇناسۋەتلىرىنى توختىتىشقا باشلىغان بىر پەيتتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يەنە 200 گە يېقىن كىشىنى خىتاي ئۆلكىسىگە سۈرگۈن قىلىشى قاتتىق دىققەت قوزغىدى.
خەۋەرە 174 كىشىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن خۇنەننىڭ چاڭشيا شەھىرىگە ھەقسىز يولغا سېلىنغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ خوتەندىن يولغا چىققانلىقىنى، بۇلار ئىچىدىكى 95 كىشنىڭ نامرات ئائىلىدىن ئىكەنلىكى، ھەممىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى لەنسى پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە 300 كىشىنى خىتاينىڭ دېڭىز بويى شەھەرلىرىگە سۈرگۈن قىلىش، شۇنداقلا بۇ يىل 6-ئايغىچە 50 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىغان.
18-فېۋرال خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى سۈرگۈن قىلىنىۋاتقان خۇنەن ئۆلكىسىدە 1007 كىشى، چاڭشا شەھىرىدە 241 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان.

 

بۇ خەۋەر 1549 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2020 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق