شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئەزالىرى «شەھىت شەرىپە ئانا پائالىيىتى»گە قاتناشتى

   شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئەزالىرى «شەھىت شەرىپە ئانا پائالىيىتى»گە قاتناشتى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئەزالىرى 22-فېۋرال كەچتە ئىستانبۇلنىڭ ئۈمرانىيە شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇراسىم زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەھىت شەرىپە ئانا پائالىيىتى»گە قاتناشتى.

مەركۇز پائالىيەت تۈركىيەنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا قورال-ياراغلارنى ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدا قوراللارنى ئۆزىنىڭ ئىسسىق بەدىنى بىلەن ھىمايە قىلىپ، قورال-ياراغ ۋە ئالتە ئايلىق قىزى ئەلىفنىڭ ئۈستىدە ئۆزىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا توڭلاپ شېھىت بولغان شەرىپە خانىمنىڭ شېھىتلىكىنىڭ 99 يىللىق خاتىرە كۈنى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، شەھەر ۋە رايون باشلىقلىرى، ھەرقايسى پارتىيەنىڭ ۋەكىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى رايونلاردىكى باشلىقلار بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشتى.

كاستومونۇلۇقلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىلەنگەن بۇ خاتىرىلەش پائاليىتىگە كەلگەن مېھمانلارغا شەرىپە خانىمنىڭ بۇنىڭدىن 99 يىل بۇرۇنقى قەھرىمانلىق داستانى تەسۋىرلەنگەن قىسقا فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلغۇچىلار شەھىت شەرىپە خانىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئانىلارنىڭ، قەھرىمانلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ھازىرقىدەك مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشىدىكى رولى ھەققىدە، شۇنداقلا خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دۆلەتنىڭ قەدرىگە يېتىشى، بۇ روھ بىلەن تەربىيەلىنىشى ھەققىدە توختالدى.

تەكلىپ بىلەن سۆز قىلغان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتناشقۇچىلارغا سالام بەرگەندىن كېيىن، تىل، ئۆرپ-ئادەت، ھەتتا مىجەز-خۇلقى جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كاستومونۇ خەلقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ يەرگە ئانا ۋەتەن شەرقىي تۈركىستاندىن سالام ئېلىپ كېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق ئۇ يەرنىڭ ھازىر بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمە ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق ئىمكانىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن بۇ يەرگە ئوتلۇق سالام ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئۇ شەھىت شەرىپە خانىمغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاندىمۇ كاپىر تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم كۈرىشى قىلىپ، ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ باش ئەگمەي، ئۆزىنىڭ دىنىنى، مىللىي كىملىكىنى ۋە ئىپپىتىنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغان نۇزۇگۇمنىڭ ئۆتكەنلىكىنى، بۇنداق ئانىلارنىڭ روھىنى تىرىلدۈرۈش شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئەبەدىي مۇستەقىل، كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە خەلقى ۋە كاستومونۇ خەلقىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنى سورىدى.

كاستومونۇلۇقلار جەمئىيتى مۇنەۋۋەر خانىمغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، شەرىپە خانىمنىڭ پورترېتى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن سۆزگە چىققان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئارزۇ ئەردەم خانىم ۋە سانجاقتەپى  رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى شەيما خانىملار ۋە باشقا بىر نەچچە رەھبەرلەر سۆزلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز مەسىلىسى ئىكەنلىكى، پەقەتلا دۇئا قىلىش ئەمەس، ۋاقتى كەلگەندە ھەق داۋا ئۈچۈن مېلى ۋە جېنى بىلەن كۈرەشكە ھازىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىن ئاخىرىدا قاتناشقۇچلار توپ-توپ بولۇپ كېلىپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقۇچى ئائىشە خانىم قاتارلىق ئەزالارغا شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سۆيگۈسىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ۋە ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيىسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 1652 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2020 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق