خىتاي ئۇيغۇرلارنى ۋۇخەنگە ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا

   خىتاي ئۇيغۇرلارنى ۋۇخەنگە ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا

22-فېۋرال خىتاي س س ت ۋ قانىلىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاچلىق ئازابى چېكىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋۇخەنگە ياردەم قىلىشقا مەجبۇرلىغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ داڭلىق قىزىل ئالمىسىدىن 114 توننىنى ئون نەچچە يۈك ماشىنىسىغا بېسىپ ۋۇخەنگە ئەۋەتكەن. ئالما تەييارلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ، خىتاي يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى ئۇنتۇمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ئاچلىقتىن قىينىلىشقا باشلىغان. 21-فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، غۇلجىدىكى بىر ئۇيغۇر ياش قامالغان ئۆيىدىن سىرىتقا چىقىۋېلىپ، «ئۆيدە يېمەكلىك يوق، ئاچ قالدىم، ئائىلە ۋە بالىلىرىم ئاچ قالدى» دەپ نالە قىلغان ۋە يەرگە، دەرەخلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيىسى: 05524995595

 

بۇ خەۋەر 1105 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2020 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق