سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ قەھرىمانماراش شۆبىسى رەسمىي ئېچىلدى

22-فېۋرال قەھرىمانماراشتا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ قەھرىمانماراش شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا قەھرىمانماراشتىكى ئۇيغۇرلار، قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ۋە نۇرغۇنلىغان خەلق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت مارشى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى قەھرىمانماراش شۆبىسى رەئىسى سەيفۇللاھ قەشقىرى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئارقىدىن پىروفېسسور، دوكتور جالال ئەرباي، سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور نىيازىي جان، ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى (IMH) قەھرىمانماراش شۆبە رەئىسى كامال كاۋاك، ئىنسانىي ياردەم فوندى (IHH) قەھرىمانماراش شۆبە رەئىسى يۇسۇف بۇلبۇل، تۈرك ئوجاقلىرى قەھرىمانماراش شۆبە رەئىسى كامال ياۋۇز، كۈلتۈر، ساياھەت ۋە تارىخ مۇنبىرى رەئىسى ئەھمەد كولۇيەك ۋە يەتتە قىتئە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى مۇھەررەم دىلپاك قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلدى.

ئاخىرىدا قەھرىمانماراش مۇپتىسىنىڭ دۇئاسىدىن كېيىن، شۆبە ئۈچۈن لېنتا كېسىلدى.

بۇ خەۋەر 1455 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2020 08:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق