شەرقىي تۈركستاندىكى قامالنىڭ بوشىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

شەرقىي تۈركستاندىكى قامالنىڭ بوشىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
22- فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماللارنى قىسمەن بوشاتقان.
سىندا ئالدىنقى كۈنلىرى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىشنى باھانە قىلىپ قامال قىلىنغان كوچا ۋە يوللارنى ئېچىۋەتكەنلىكى، كوچا يوللاردا ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ مېڭىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. سىىندا يەنە بىر قىسم خەلق خۇشال بولغان ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئائىلە قورۇسىدىكى توساقلارنى ئېلىۋەتكەنلىكىنى سىرىتقا چىقىش رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە باشقا بىر سىندا يولنى توسۇش ئۈچۈن قويۇلغان تۆمۈر توسۇقلارنى ئېلىشقا باشلىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدا 15 كۈنلۈك سىرىتقا چىقىش چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 15 كۈن توشمىغان بۈگۈنكى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن سىرىتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى.
كۆزەتكۈچىلەر: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، خىتاينىڭ قامال قىلىنغان يوللار ئېچىۋاتقان سىنلارنى تارقىتىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلغانلىقى، ئۇنداقتا خىتاي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا راستىنلا كۆڭۈل بۆلۈدىغان بولسا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1086 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2020 20:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق