دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر بارلىق ئېھتىماللىقلارغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش پۇرسىتىنىڭ بارغانسېرى ئازلاۋاتقانلىقىنى، ھەرقانداق ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇندىن بۇرۇنقى باياناتلىرىدا خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم ۋىرۇستىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس ئادھانوم تۈنۈگۈن جەنۋەدىكى باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خەلقئارادا يۇقۇمنى تىزگىنلەش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى، پۈتۈنلەي كېچىكىشتىن بۇرۇن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا خەلقئارا ياردەمنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
تېدروس سۆزىدە يەنە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ھەرقانداق جايغا تارقىلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ئېھتىماللىقلارغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە خىتايدىن باشقا 26 دۆلەتتە 1152 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان ۋە سەككىز كىشى قازا قىلغان.

بۇ خەۋەر 13014 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2020 00:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق