نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: مۇختەرجان ئابدۇراخمان

مۇختەرجان ئابدۇراخمان

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

رومان يازغۇچى ھ. گ. ۋېلس (H. G. Wells) مۇنداق دەپ قارايدۇ: بايلىق، ئاتاق، خىزمەت ئورنى ۋە ھوقۇق قاتارلىقلار ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى بىزنىڭ ئەسلىدە قانداق بىر ئادەم بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىكەنلىكى بىلەن بىزنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق بىر ئادەم بولۇپ چىققانلىقىمىزنىڭ نىسبىتىدىن ئىبارەت. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بىزنىڭ ئۆزىمىزدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىغانلىقىمىز بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كىشىلەر بىزدىكى يوشۇرۇن كۈچ ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى بولۇپ، بىزنىڭ ئاشۇ يوشۇرۇن كۈچلىرىمىز بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلالىغانلىقىمىز بىزنىڭ ئاللاھغا قىلغان سوۋغىتىمىز بولىدۇ، دەيدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە، يوشۇرۇن كۈچىمىز بىزدىكى ئەڭ زور، تېخىچە ئېچىلمىغان بايلىق بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېنرى فورد (Henry Ford) مۇنداق بىر ئىشنى بايقىغان: «ھازىرمۇ ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرى ئويلىغاندىنمۇ كۆپرەك ئىشلارنى قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەس ئادەمدىن بىرسىمۇ يوق».

بىزدىكى يوشۇرۇن كۈچنىڭ چىكى يوق. ئەمما ئاشۇنداق يوشۇرۇن كۈچنى ئەڭ يۇقىرى مۇمكىنچىلىككىچە جارى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغانلار بەك ئاز. نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ جاۋابى مۇنداق: بىز ھەر قانداق ئىشنى قىلالايمىز، ئەمما بىز ھەممە ئىشلارنى قىلالمايمىز. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاياتىدا قانداق ياشاش توغرىسىدا قارار چىقىرىش ئىشىنى ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەرگە تاشلاپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۆز ھاياتلىرىنىڭ تۈپ مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئاتا قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممە ئىشقا تەڭ ئۇرۇنۇپ، بىرەر ئىشنىمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ.

ئەگەر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا ئۆزىڭىز خالىمايدىغان دەرىجىدە يېقىن بولىدىكەن، سىز ئېھتىمال ئۆزىڭىزدە بىر ئۆزگىرىش ياساشقا تەييار بولۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدىكەنسىز، ئۇ ھالدا تۆۋەندىكى تۆت پىرىنسىپتىن پايدىلىنىڭ:

1. پۈتۈن كۈچىڭىزنى بىرلا ئاساسىي نىشانغا قارىتىڭ.

2. دىققىتىڭىزنى قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاپ مېڭىشقا قارىتىڭ.

3. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.

4. پۈتۈن كۈچىڭىزنى كەلگۈسىگە مەركەزلەشتۈرۈڭ.

سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىپ، ئۆزىڭىزدىكى بارلىق يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا ئاتلانغاندا، سىز ھەقىقىي تۈردە بىر مۇۋەپپەقىيەت يولىغا مېڭىۋاتقان بولىسىز.

 مەن 2011-يىلى يازغان «بىر لېدىردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت» دېگەن ماقالەمدە جون ماكسىۋېل (John C. Maxwell)نىڭ «The 21 indispensable qualities of a leader» دېگەن كىتابىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. بۇ يازغۇچىنىڭ لېدىرلىققا ئائىت كىتابلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۈگۈن مەن كىتاپ ساتىدىغان دۇنياغا داڭلىق ئامازون تور بېتىگە كىرىپ ئىزدەپ، ئۇنىڭ 60 پارچىدىن ئارتۇق كىتابى بارلىقىنى بايقىدىم. 2007-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن جەمئىي 13 مىليوندىن كۆپرەك سېتىلغان بولۇپ، ئۇ جەمئىي ئىككى مىليوندىن كۆپرەك لېدىرلار (باشلىقلار)نى ھەرخىل كۇرسلاردا تەربىيەلەپتۇ. ئۇنىڭ 2007-يىلى نەشر قىلىنغان «ماكسىۋېل كۈندىلىك ئوقۇشلۇقى» (The Maxwell daily reader) دېگەن بىر كىتابىمۇ بار بولۇپ، يۇقىرىدىكى قىسقا يازما ئاشۇ كىتابنىڭ 33-بېتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن ئىبارەت. بۇ كىتاب جەمئىي 365 بەتلىك بولۇپ، ھەر بىر بەت بىر بالا تېمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ماكسىۋېل ئوقۇرمەنلەرگە ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىر بېتىنى ئوقۇپ، بىر يىل ئىچىدە تولۇق ھەزىم قىلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىپتۇ. مەن بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمىلىرىدا داۋاملىق تونۇشتۇرۇشۇم مۇمكىن.

مەن بۇرۇن تونۇشتۇرۇپ بولغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە يۇقىرىدىكى ماكسىۋېل ئوتتۇرىغا قويغان تۆت پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇكىلارمۇ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغاندا، ئۇلارنى يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن 2006-يىلى ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تەييارلىغاندا، بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپەمدىكى ئەھۋاللارنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ چىققان ئىدىم. ئۇ خۇلاسىلارنىڭ بىرى «ئۇيغۇر دېھقان بالىلىرىمۇ ئالىم بولالايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئۇكىمىزمۇ بىر يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇختەرجان ھازىر ياپونىيەدە ئۇيغۇر پەلسەپىسىنى بىر سىستېمىلاشقان ئىلمىي ساھە قىلىش يولىدا تىرىشىۋاتىدۇ.

 مەن فېيسبۇك بېتىمدە ئىنگلىزچە ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ۋە ئىملا، گىرامماتىكا قائىدىلىرىدە مەسىلە بار ماقالىلەرنى تەھرىرلەش ئىشىدا ئۆزۈمگە ياردەم ئىستەيدىغانلىقىم ھەققىدە بىر قىسقا مۇراجىئەتنامە يازغان ئىدىم. ھازىرغىچە 15چە قېرىندىشىمىز ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە مەن بىلەن ئالاقىلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ ئۇكىمىز بولسا مەزكۇر ماقالىنى تەھرىرلەشكە ياردەملەشتى. مەن يۇقىرىدىكى ئەھۋاللاردىن ناھايىتى سۆيۈندۈم ۋە ئىلھاملاندىم. ھەمدە ئۆزۈم ئۈچۈن خېلى كۆپ مەنىۋى ئوزۇققا ئېرىشتىم. مەن بۇرۇندىن تارتىپ ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنەتتىم. ئاشۇ كۆز قارىشىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ ياخشى كۆڭۈللۈك قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.

 

پەلسەپە پەنلەر تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان (ياپونىيە)

 

مۇختەرجان ئابدۇراخمان 1972-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى كەلپىن ناھىيىسى ئاچال يېزىسى تۇرا كەنتىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بوۋىسى ئابدۇرەشىت ئەئلەم ئاخۇنۇم ئاچال يېزىسىدا تۇنجى پەننىي مەكتەپنى ئاچقان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان كاتتا دىنىي ئالىم ئىدى. مۇختەرجاننىڭ مومىسى مەرەمنىساخان ئۇنىڭغا بوۋىسىدىن قالغان بارلىق دىنىي ۋە پەننىي كىتابلارنى قالدۇردى. مانا بۇ مىراس ۋە ۋەسىيەت ئۈمىد سۈپىتىدە بوۋىسىنىڭ تارىخىي كەچمىشى بىلەن قوشۇلۇپ مۇختەرجانغا روھىي مەشئەل ۋە بىباھا خەزىنە قالدۇرغان ئىدى. بۇ مىللىي بۇرچ، ئۆزلۈك ئېڭى، جاسارەت، قەتئىي ئىراد ۋە توختاۋسىز تىرىشىشتىن دېرەك بەردى ۋە نىشانە بولدى.

مۇختەرجان بوۋىسىدىن پەخىرلىنەتتى، مومىسىدىن سۆيۈنەتتى، مۇقام ئېيتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلمىي سۆھبەتلەر كۆپ ئىدى. شۇڭلاشقا مۇختەرجان ئېسىل جەمەت ئارىسىدا ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. سەنئەتكارلىق، دىنىي ئالىملىق ۋە ئارىفلىق مۇختەرجان جەمەتىنىڭ دائىملىق، تىپىك ئالاھىدىلىكى ئىدى ("ئارىف" دېگەن سۆزنى بۇرۇن بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىزمۇ ماقالىلىرىدە ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇ "پەلسەپىۋى ئويغىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى"، "ئۈزۈل-كېسىل ماھىيەتلىك ئويغىنىش" دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ — مۇختەرجان).

مۇختەرجان مەرىپەت ۋە ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، شۇ ئاساستا دۇنياۋى سەھنىلەردە چاقناشنى ئارزۇ قىلاتتى. دادىسى، ئانىسى، بوۋىسى، مومىسى ئۇنىڭدىن كاتتا ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى. ئۇنىڭغا «سەن قىلالايسەن بالام» دەيتتى. ئون ئىككى مۇقامنى مۇختەرجان ئۆزىنىڭ ئاشۇ جەمەتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئاڭلايتتى. ئۇ قاتتىق ھەيرانلىق، كۈچلۈك ئىنتىلىش، قاتتىق ئىرادە ۋە چىداملىق روھىدا سۇغۇرۇلۇپ باشلانغۇچنى پۈتتۈردى. ئەلۋەتتە، سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئورۇن ئالغىنى مۇختەرجان ئىدى. باشلانغۇچ ھاياتىدا ئۆگەنگەن نەرسىلىرى پۈتۈنلەي ئۆز بىلىمىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. مۇختەرجان تولۇقسىزغا ئۆرلەپ ئوقۇدى. ھەيرانلىق، قىزغىنلىق ۋە كۈچلۈك چاڭقاقلىق ئىچىدە ئۈچ يىلنى تاماملىدى. ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنيالىرى بارغانچە ئۆزگىرىۋاتاتتى. ئۇ قانمايتتى، ھارمايتتى ۋە ئىنتىلەتتى. ئۇ تەبىئىي پەنلەرنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگىنەتتى، تەدبىقلايتى ۋە تەجرىبە قىلاتتى. تەئەججۈپ ۋە ئىلىمگە بولغان ئىشەنچ ئۇنىڭ دائىملىق روھىيەت خاسلىقى ئىدى. ئۇ ئىجتىمائىي پەنلەرنى دۇنياغا تەدبىقلاپ، تەھلىل قىلىپ، پۈتۈنلەي ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش شەرتى ۋە ئەركىن قوللىنىش سەۋىيەسىدە تاماملىدى. لېكىن قانائەت قىلىش ئۇنىڭغا ئەسلا يات ئىدى.

مۇختەرجان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىردى. ئەمدى ئاتا-ئانىسىنى ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيگە قايتاتتى. ئۇ كۈچلۈك بالىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ، بىرىنچى بولۇش ۋە ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى، يەنى پۈتۈن بىلىملەرنى تۇرمۇشتا ئىشلىتىشنى ئۆزىگە خاس بىر ئۆلچەم قىلاتتى. كەلپىن ناھىيەسىدە پەقەت بىرلا تولۇق ئوتتۇرا بار ئىدى. دوستلار ئۆزئارا قاتتىق رىقابەتلىشەتتى، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنەتتى. مۇختەرجان ئەنە شۇ چاغلاردىكى ئەزىز دوستلىرىغا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار مۇختەرجانغا كۈچ-قۇۋەت ۋە دوستلۇق، مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى. ئۇلار بىلەن بىللە نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتنى يەڭدى. 1992-يىلى 8-ئايدا مۇختەرجان شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. شۇنىڭ بىلەن «خەير خوش، كەلپىن!» دەپ ئۈرۈمچىگە كەلدى.

1992-يىلى 9-ئايدا رەسمىي ئوقۇش باشلاندى. مۇختەرجان ئىزدىگەن كىتاب، ژۇرنال، كۇتۇپخانا مۇھىتى، قىسقىسى ھەممە نەرسە ئاساسەن تەل ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى، ئۇيغۇر پەنلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئەڭ چوڭقۇر سەۋىيەدە ئۆگەندى. 1993-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىر، نەسىر، داستان ۋە ماقالە-ئەسەرلىرى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. مەكتەپ مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. 1993-، 1994- ۋە 1995-يىللىرى ئۇنىڭ نەزىرىدە پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتتى. بىر تۈركۈم ئاۋانگارت ياشلار چىقىۋاتاتتى. ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ تەشكىللىنەتتى. ئۇ چاغدىكى سىتۇدېنتلار ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە رېئال مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق مۇنازىرە قىلىش سورۇنى، يەنى «سالون» تەشكىللەپ، بىر مەيدان «ئۆزىنى ئىزدەش» ھەرىكىتىگە ساھىب بولدى. مۇختەرجان ئەرەب تىلىدىن كۇرس ئاچتى ۋە يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بىلەن بىللە ئىنتايىن ياخشى مۇھىتتا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى .

1997- يىلىغىچە مۇختەرجاننىڭ 200 پارچىغا يېقىن ئەسىرى يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى. بەش يىل جەريانىدا ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، سىناق قىلىش ۋە تەشكىلىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئۆزىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئەڭ ئاساسىي بىلىم ۋە ئىقتىدارلىرىنى ھازىرلاپ، كەلگۈسىدىكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىنى قۇردى.

1997-يىلى 9-ئايدا مۇختەرجان ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 31-ئوتتۇرا مەكتەپكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشتى. ئۇ شۇ يىلدىن باشلاپ مەخسۇس ئىلمىي ئەسەرلەرنى مۇنتىزىم يېزىشقا كىرىشتى. ئۇنىڭ ئوبزور، ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت ماقالىلىرى ۋە ئايرىم شېئىرلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇردى.

1999-يىلى مۇختەرجان ئۇزۇن يىللىق پەلسەپە ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ خاس پەلسەپە ئەسىرى «ھالقىش نەزەرىيەسىنىڭ تەتقىقات قاتلاملىرى»نى پۈتتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇختەرجاننىڭ ماقالىلىرى «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق كەسپىي ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپىسى ۋە ئۇيغۇرلاردا ئىستراتېگىيە ئېڭى» ناملىق ئەسىرى مۇختەرجاننى ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. يەنى، ئۇيغۇرلار پەلسەپىۋى سىستېمىلارنى تولۇق بىلىشى ۋە ئۆز رېئاللىقى ئۈچۈن ئىشلىتەلىشى كېرەك ئىدى. رېئاللىقىمىز بولسا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىش مۇتلەق زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە مۇختەرجاننىڭ «ھالقىش پەلسەپىسى» ناملىق ئەسىرىدە قارار چىقىرىۋاتاتتى. مۇختەرجان ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئەڭ ساپ جەۋھەر سۈپىتىدىكى «پەلسەپە سىستېمىسى»غا ئەگەشتى. ئۇنىڭ ماقالىلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «تۇرپان ژۇرنىلى»، «تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتاتتى. 2005-يىلى نورۇز كۈنىدە مۇختەرجان ئىلمىي مۇدىرلىق، تولۇق 3-يىللىقنىڭ سىنىپ مۇدىرلىقى ۋە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئاشۇ مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى تاشلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇختەرجاننىڭ خىزمەتداشلىرى ئىچىدە كۆز يېشى قىلىۋاتقانلارمۇ بار ئىدى. ئىككى ئايدىن كېيىن مۇختەرجاننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى يىغلاشتى. مۇختەرجاننىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈن-تىنسىز يىغلاپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى. (مۇختەرجان مۇشۇ قۇرلارنى كومپيۇتېردا يېزىۋاتقاندا ئۆزىمۇ كۆز يېشى قىلدى) ئۇ ئۆز-ئۆزىگە «بالىلىرىم مېنى كەچۈرۈڭلار! مەن ئۈمىدىڭلارنى چوقۇم ئاقلاشقا ۋەدە بېرىمەن. مەن سىلەرگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك. ۋەتەنگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك!» دېدى.

2005-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇختەرجان ياپونغا كەلدى. ھازىر ئۇنىڭغا توپ-توغرا 10 يىل بولدى.

مۇختەرجان 2006-يىلى بىر ياپون تىلى مەكتىپىگە كىردى. 2007-يىلى 4-ئايدا ئۇزاق مۇدددەتلىك ئارزۇ، پىلان ۋە بىر بۈيۈك ئارمان بىلەن ياپونىيە كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپى تەييارلىق ئوقۇشىغا كىردى. بەش ئايدىن كېيىن ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى. ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى. سەۋەبى، بۇ يەردە دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمقى پەلسەپە ئەسەرلىرىنىمۇ ئەسلى تېكىستى بويىچە ئوقۇشقا ۋە تەتقىق قىلىشقا بولاتتى. پۈتۈنلەي ئەركىن، مۇتلەق پاكىز ئىلمىي ھاۋادا ئىلىم تەھسىل قىلىشمۇ مۇمكىن ئىدى. مۇختەرجان ئۆز-ئۆزىگە «مەن ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆپ پەلسەپە سىستېمىسىنى ئېلىپ قايتىشىم كېرەك!» دەيتتى. ۋاقىت ئىنتايىن تېز ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى. 2011-يىلى مۇختەرجان ئەنگلىيە سىياسەت پەلسەپە ساھەسىدىكى مەخسۇس تېما «كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردە پارلامېنتلىق تۈزۈم» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى پۈتتۈردى، ھەمدە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى .

مۇختەرجان 2011-يىلى 4-ئايدا ئىمتىھانسىز ھالدا دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇختەرجاننىڭ پىروفېسسورلىرى قاتناشقان بىر يىغىندا بىر يېڭى پەلسەپە سىستېمىسى يارىتىش، ياپونغا خاس بىر يېڭى ساھەنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش نىشانى قارار قىلىندى. ئۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك پەلسەپەسىنىڭ ئورگىنال سىستېمىسى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

بۇ ئۇيغۇر مىللىتىگە كېلىۋاتقان بىر تېپىلماس پۇرسەت ئىدى. مۇختەرجان يۇقىرىدىكى ئىشنى ئەنە شۇنداق چۈشەندى. شۇندىن كېيىن ھازىر ياپونىيە پەلسەپە ساھەسىدە ئۇيغۇر پەلسەپەسى يېڭى ۋە كىلاسسىك پەن سۈپىتىدە ئىلىم ساھاسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتاتتى. مۇختەرجان ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ پاكىز، ئەڭ پازىل ۋە ئەڭ كامىل روھىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىلاسسىك پەلسەپە سىستېمىسىنى يارىتىشقا ئالدىراۋاتاتتى. بۇ ئىشلار ھازىر پەلسەپە ساھەسىدە قاتتىق ھاياجان ۋە قايىللىق قوزغاۋاتاتتى. ئىلمىي مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر بۈيۈك تېما بولۇۋاتاتتى. ئۇيغۇرلار پەلسەپىۋى مىللەتكە خاس چوڭقۇرلۇققا، كەڭلىككە، كىلاسسىك ئورگىنال سىستېمىغا ئىگە ئىدى. مۇختەرجان بۇنى ئىسپاتلاپ، ئىلمىي ماقالە ئوقۇۋاتاتتى.

مۇختەرجان ئابدۇراخمان 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىي تەتقىقاتچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ ئۇيغۇر پەلسەپىسى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات سىستېمىلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇختەرجان ھازىر ئۇيغۇر پەلسەپىسى ۋە غەرب پەلسەپىسى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن خوشاللانماي، مۇختەرجان ئۇكىمىزدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.

 

2015- يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى


 مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەر تىزىملىكى:

 

[1] 2012-yili 9-ayda , "qutadghubiliktiki Uyghur döletchiligi", Kyushyu uniwérsitétining pelsepe ilmiy muhakime yighinida oquldi.

 

[2] 2013-yili 5-ayda, Yaponiye döletlik pelsepe ilmiy jem'iyiti,"qutadghubiliktiki tebiet pelsepe idiyesi" oquldi.

 

[3] 2013-yili 9-ayda, "Uyghur döletchilik pelsepesi we qutadghubilik", "pelsepe ilmiy maqaliliri" jornilida élan qilindi.

 

[4] 2013-yili 10-ayda Yaponiye döletlik [email protected] ilmiy jem'iyitining yighinida " Uyghur istratégiyesi we Uyghur döletchilik idiyesi" oquldi.

 

[5] 2013-yili 12-ayda gherbiy Yaponiye pelsepe ilmiy jem'iyiti pelsepe ilmiy muhakime yighinida "qutadghubiliktiki Uyghurlarning ghayiwi döletchliki" oquldi.

 

[6] 2014-yili 6-ayda Yaponiyedöletlik pelsepe ilimiy jem'iyitide "qutadghubiliktiki qanun pelsepesi" oquldi.

 

[7] 2014 -yili 8-ayda ,"yipek yoli" zhornilida "qutadghubiliktiki Uyghur pelsepe sistémisi" élan qilindi.

 

[8] 2014-yili 9-ayda "qutadghubiliktiki bilish nezeriyesi " Kyushyu uniwérsitétining pelsepe ilmiy muhakime yighinida oquldi.

 

[9] 2014-yili 12-ayda "farabining ghayiwi dölet pelsepesi" namliq maqale "pelsepe illmiy maqaliliri 50 yilliq xatire" sanida 1-maqale bolup tallandi we élan qilindi.

 

[10] 2015-yili 5-ayning 17-küni Yaponiye döletlik pelsepe ilmiy jem'iytining 74- qétimliq yighinida Uyghur pelsepesi heqqide "farabining tebiet pelsepesi" oqulmaqchi. Maqale tallinip boldi.

 

مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150501_chetel_uyghur10.htm?fbclid=IwAR3foDYqtC3XlAgkGejR59u9MZdH6Fy9hWzJCR7r-zECGI67PjdBryzGKs0

 

 

بۇ خەۋەر 9536 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2020 00:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق