ئىستانبۇلدا «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
22-فېۋرال تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە ئاق دېڭىز زالىدا «تاڭنۇرىدا ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتكە خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ تولىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۇزۇگۈم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە پەرزەنتلەرگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتتە مەركەز ئوقۇغۇچىلىرى تەييارلىغان ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى ۋە ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىر-نەسىرلەر دېكلاماتسىيە قىلىندى.
ئاخىرىدا مەركەزنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلىرىغا سوۋغات تەقدىم قىلىندى. ياشلار ئۇيۇشمىسى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە 5000 لىرا تەقدىم قىلدى.

بۇ خەۋەر 1595 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2020 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق