ئاۋسترالىيەنىڭ تاسمانىيە ئىشتاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ئاۋسترالىيەنىڭ تاسمانىيە ئىشتاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ تاسمانىيە ئىشتاتىدىكى سىگنىت قاتارلىق بىر قانچە شەھەردە «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق دەۋاسى» تېمىسىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مەزكۇر پائالىيەت 15-فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە يەتتە كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، بىر نەچچە ئورۇندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن.

21-فېۋرال ئا ب س رادىيوسى ئەتىگەنلىك خەۋەر پىروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئاڭلىتىشقا يەتتە مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن. مېركۇرىي گېزىتىنىڭ باش بېتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرۇلۇق خەۋەر بېسىلغان. پالاتا ئەزاسى جونۇ دۇنيامغا يازغان كۆرۈشۈش تەكلىپى قوبۇل قىلىنغان.

بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 15-فېۋرال تاسمانىيەنىڭ مەركىزى شەھىرىگە جايلاشقان خوبارت مەسچىتىدە مۇسۇلمانلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق لېكسىيە سۆزلىگەن.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى لېكسىيەلىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە شۆبىسىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنغان.

16-فېۋرال تاسمانىيە ئىشتاتىنىڭ سىگنىت رايونىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىندا لېسكىيە سۆزلىگەن نۇرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەردىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر يىغىلىش بولغان. شۇنداقلا بۇ يەردە بىرمۇ خىتاينىڭ يوقلۇقى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان.

نۇرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەرلىك خەلق ۋەكىلى رودنىي دىلاند ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئوخشاش زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ياۋۇز قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى، ئاۋسترالىيە ۋە خەلقئارادىكى ھەرىكەتلەر مۇھاكىمە قىلىنغان. بۇ يىغىنغا يازغۇچى-سەنئەتكارلار، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، شەرقىي تۈركىستاننى كۆرۈپ كەلگەن پېشقەدەملەر قاتناشقان. يىغىندا س ب س تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇزۇن يىل مۇخبىرلىق قىلغان بىر پېشقەدەم فىلىم ئىشلىگۈچى ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق فىلىم ئىشلەشكە ۋەدە بەرگەن. ئۇندىن باشقا تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلىپ، پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغان ئىمزالىق مۇراجەتنامىگە ئىمزا توپلانغان.

نۇرمۇھەممەد ئەپەندى يەنە: «يىغىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆز ياشلىرى بىلەن مىللىتىمىزگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىمزا توپلىدى».

19-فېۋرال نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى يەنە تاسمانىيە ئىشتاتىنىڭ خوبارت شەھىرىدە ئاۋسترالىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تاسمانىيە پالاتا ئەزاسى نىك مەككىم بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەھۋاللىرى، ھۆكۈمەتتىن كۈتىدىغان تەلەپلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي بېسىملىرى توغرىسىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ھەر قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى فېدراتىپ ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تۆۋەندىكى بىر قانچە كونكرېت نۇقتىنى ئاساس قىلىپ، يازما شەكلىدە تەلەپ سۇنغان:

1. ئاۋسترالىيەدە پاناھلىق ۋىزىسىغا ئىلتىماس سۇنغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ بېرىشكە بېسىم ئىشلىتىش.

2. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن فېدراتىپ كېڭەشتە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىڭەش يىغىنىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ سىرتتا تۇرۇپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش.

3. يېشىللار پارتىيەسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان رەئىسىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرۇش.

4. يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە باغلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان تاسمانىيە ئىشتاتىدىكى يەرلىك خەلق ۋەكىلى رودنىي دىلاند ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆز مىللىتى باشتىن كەچۈرگەن مۇدھىش كۈنلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بارلىق قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

22-فېبرال خوبارت شەھرى تاسمانىيە مىللەتلەر مەدەنىيەت زالىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پروگرامما غەلبىلىك بولغان بولۇپ،  ئىچكى ئىشلار مبنىستېرلىكىنىڭ تاسمانىيە شىتات ۋەكىلى پروگراممىغا قاتناشقان. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تاسمانىيە رايونىنىڭ خوبارت ۋەكىلى ياببۋۇ تومپسۇن خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان.

بۇ خەۋەر 1318 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2020 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق