خىتاي خەلقىمىزنى ئاچلىقتىن قىيناشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي خەلقىمىزنى ئاچلىقتىن قىيناشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

19-فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە قاماپ ئاچلىقتا قىينىغان. 

سىندا شەرقىي تۈركستاننىڭ مەلۇم رايونىدىكى ئاھالە قورۇسىدا بىر بوۋاينىڭ يالغۇز كېتىۋاتقانلىقى، بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن خىتاينىڭ « بۇ تاغا  43 – قورودىن چىقتىمۇ ياكى 44 – قورودىنمۇ؟»دەپ بوۋاينىڭ سىرىتقا رۇخسەتسىز چىققانلىقىغا كايىغانلىقى، بوۋاينىڭ  كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنى تالاغا چىقىشتىن توسقىلى كەلگەن خىزمەتچىگە زەردە بىلەن « قورساق ئىچىپ  كەتسە نېمە يەيدۇ، بىنانى غاجاپ يەمدۇق؟»دەپ قارشىلىق كۆرسىتىپ ۋاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 17- فېۋرالدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەلۇماتلاردا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش باھانىسى بىلەن غۇلجا خەلقىگە ئالدىن تەرييارلىق قىلىشنى ئۇقتۇرماستىن يەنە 15 كۈنگە سىرىتقا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى پېچەتلەپ خەلقىنى ئۆي ئىچىگە قاماپ قويغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆتكەن 3 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى [تېررور] تۆھمىتى بىلەن يوقۇتۇش ئۈچۈن لاگېر تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىپ، ئاۋات شەھەرلەرنى غېرىپلەشتۇرگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ۋۇخەن ۋىروسى باھانىسى بىلەن ئائىلىلەردە قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە نەزەربەنت قىلىپ ئاچلىقتا قىينىغانلىقى مەلۈم بولماقتا

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

 

بۇ خەۋەر 1238 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2020 19:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق