زېيتنبۇرندا مەھمەت زىرا پاشا ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەندى
17- فېۋرال زېيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى ئاق دېڭىز زالىدا مەھمەت رىزابېك پاشا ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركسىتان ۋەقفى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، شەرقىي تۈركسىتان ياشلار جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىدى.
پائالىيەتتە شەرقىي تۈركسىتان ۋەقفى رەئىسى دوكتور مۇھىددىنجان ئۇيغۇر ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
پائالىيەتتە، بەيكەنت ئۇنۋېرسىتېت ئۇتقۇچىلار ئەزاسى ، پروفېسسور، دوكتور ئابدۇقادىر دولۇك ئەپەندى رىزا پاشابېكنىڭ ھاياتى ئىش – ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. دوكتور مەغپىرەت يۇنۇسئوغلۇ خانىم رىزا پاشانىڭ ئىش – ئىزلىرىنى بايان قىلىپ، رىزا پاشانىڭ ھاياتىدا تۈركيەدىكى ھەمدە خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئىشلىرىغا ماددى ۋە مەنىۋىي ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى تونۇشتۇردى. مەتىن يۈزكار ئەپەندى رىزا پاشانىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسنى تۈرك دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا ھەمدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا تۈركىيەدە يول ئېچىشتا مۇھىم رول ئالغانلىقىنى تونۇشتۇردى. تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئېلى ئېلىئوغلۇ رىزا پاشانىڭ تۈركىيەدە شەرقىي تۈركسىتان داۋاسى يولىنى قانداق جاپادا ئاچقانلىقىنى، ئۇنىڭ قىممىتىنى ئۇيغۇرلار تېخىچە تونۇيالمىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئاخىردا شەرقىي تۈركسىتان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پائالىيەتكە ئىشتراك قىلغان ئاكادېمىكلارنى زىىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىكى كۈنتەرتىپكە كېلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشلىرىنى ئېگىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيىسى: 05524995595