ئادەمسىز قالغان خوتەن شەھەر مەركىزىي كوچىلىرى

ئادەمسىز قالغان خوتەن شەھەر مەركىزىي كوچىلىرى

18- فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋۇخەن ۋىروسى باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىنى  ئادەمسىز شەھەرگە ئايلاندۇرغان.

سىندا شەرقىي تۈركستاننىڭ خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى خەلق مەيدانى، مەيداننىڭ شىمالىدىكى ۋالى مەھكىمە، بەيتۇللا مەسچىتكە بارىدىغان مەركىزى يول،  گۈلباغ، گۇجان دەرۋازا قاتارلىق ئەڭ ئاۋات كوچىلار  كۆرسىتىلگەن. شەھەرنىڭ مەركىزى كوچىلىرىدا نە ئادەم، نە بىرەر ئاپتومۇبىل، نە بىرەر پىيادىلىك ئادەمنىڭ بولماسلىكى ئادەمنى قاتتىق چۈچىتىدۇ. سىندىن  شېھىيدانە خوتەننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى سەۋەبلىك شۇنچە غېرىپ،  ھەممە يەر غېرىپلىككە چۆمگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆتكەن 3 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى [تېررور] تۆھىمىتى بىلەن يوقۇتۇش ئۈچۈن لاگېر تۇرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىپ، ئاۋات شەھەرلەرنى غېرىپلەشتۇرگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ۋۇخەن ۋىروسى باھانسى بىلەن ئائىلىلەردە قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە نەزەربەنت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 2049 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2020 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق