غۇلجىدا سىرتقا چىقىش يەنە 15 كۈن چەكلەندى

غۇلجىدا سىرتقا چىقىش يەنە 15 كۈن چەكلەندى

17- فېۋرال قورغاس تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «خەلق ئاممىسىغا مەكتۇپ» ناملىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن غۇلجا خەلقىنىڭ يەنە 15 كۈن سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن.

دائىرىلەر ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۆيمۇ -ئۆي خەلققە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يېتەرلىك ئاشلىق ۋە يېمەكلىك تەييارلاشقا بۇيرۇق بەرگەن. 15 كۈن سىرتقا چىقارماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بولسا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ قايسى يوللار ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەنلىگە باغلىغان. شۇ سەۋەبلىك ئاشلىق ۋە كۆكتاتلار ھەسسىلەپ قىممەتلىشىپ كەتكەن. دائىرىلەر تۈنۈگۈن يەنە ئۆيمۇ ئۆي مېڭىپ، خەلقنىڭ ئىشىكىگە «ئۆيدە ئارام ئېلىڭ، سالامەت بولۇڭ» دېگەندەك پېچەتلەرنى چاپلاپ قويغان.

غۇلجىدا تۇرۇۋاتقان خىتايلار ئۈندىداردا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى ئۆيلىرىگە قاماپ قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئىچكىرىي ئۆلكىلىرىدە تۇرغان بولساق مۇنچىلىك قامىلىپ قالمىغان بولاتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى ناچار، تەرەققىي قىلمىغان تۇرسا، بۇنداق ئۇزاق ۋاقىت ئۆيگە قاماپ قويسا، كىشىلەر ئاچلىقتىن ئۆلمەمدۇ» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلەشكەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزئارا يوللاشقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرىپ كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلار كەنتلەردىن تولىمۇ يىراق ئىكەن، ئىنتېرنېت تورىمۇ يوق ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى بارلىق خەلقنىڭ 20 كۈنگىچە ئۆيىدىن چىقماسلىققا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، غۇلجا شەھىرىنى پۈتۈنلەي قامال قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە 15 كۈن سىرتقا چىقماسلىق ئۇقتۇرۇشى خىتايلار ئارىسىدىمۇ قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

 

بۇ خەۋەر 1325 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2020 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق