شەرقىي تۈركىستان خەلقى « روزا تۇتماسلىق ئەھدىنامىسى» گە قول قويۇشقا مەجبۇرلاندى

 

7- ماي ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى « روزا تۇتماسلىق ئەھدىنامىسى» گە قول قويۇشقا مەجبۇرلىدى.

 خىتاي بۇ يىلمۇ ھەر يىلقىدەك بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇشنى ئومۇمىيۈزلۈك چەكلىگەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلاردا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى دىنىي ئەسەبىيىكنى تارقىتىش جىنايىتى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇندىن باشقا يەنە، بارلىق خىزمەتچىلەرنى« روزا تۇتماسلىق ئەھدىنامىسى»گە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان ھەتتا جەمئىيەتتىكى ئىشسىز كىشىلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىغان.

خىتاي يەنە قوشۇپ جازالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، ھەر ئون ئائىلىنى چېتىپ، بىرەرسى خىلاپلىق قىلسا ھەممىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئالدىنقى يىللىرىدىكىدەك تۇر بەتلەردە روزا تۇتۇشنى چەكلەشنى ئاشكارا ئېلان قلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ بىراق ئاچقان يىغىنلىرىدا دىننى خىتايلاشتۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزىم بىلەن بىرلەشتۇرشتە چىڭ تۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1226 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2019 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق