شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار 63 گە يەتتى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار 63 گە يەتتى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 13- فېۋرالدىكى خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 63 گە يەتكەن.

ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار نۆۋەتتە 63 غا يەتكەن بولۇپ،( يەرلىكتە 44، دېۋىزىيەدە 19 ) دېۋىزىيەدە ۋىرۇس بىلەن بىر كىشى ئۆلگەن. ئۈرۈمچىدە 21، غۇلجىدا 14، سانجىدا 4، تۇرپاندا 1، ئاقسۇدا 1، كورلىدا 3، 4-دېۋىزىيەدە 10، 6-دېۋىزىيەدە 1،شىخو شەھىرىدە 3، 7-دېۋىزىيەدە 1، 9-دېۋىزىيەدە 4، 12- دېۋىزىيەدە 1 ئىكەن. بۇلار ئىچىدە ئەھۋالى ئېغىرلىرى 10، خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار 5 ئىكەن.

خەۋەردە، پۈتكۈل رايوندا  كۆزىتىش ئاسىتىغا ئېلىنغانلار 4622 كە يەتكەن. 7 كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 1427 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2020 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق