خىتاي تالاغا چىققانلارنىڭ بوينىغا تاختاي ئېسىپ جازالىدى

خىتاي تالاغا چىققانلارنىڭ بوينىغا تاختاي ئېسىپ جازالىدى

13- فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالقان سىندىن مەلۇم بولىشچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ سىرىتقا چىققانلارنىڭ بوينىغا تاختاي ئاسقان.

نۆۋەتتە شەرقىي  تۈركىستاندا توپلىشىپ تاماق يېيىش، توغقانلىرىىنىڭ ئۆيىگە بېرىش ھەتتا سىرىتلارغا چىقىش قاتارلىق ئىشلار پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئۆيىدىن چىقماي ئولتۇرۇشقا بۇيرۇلغان. بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك تەشۋىقاتلارمۇ كۈچەيتىلگەن ھەمدە خىتاينىڭ دېگىنى بويىچە قىلمىغانلارنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن خورلاشقا باشلىغان.

مەلۇم بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، دائىرلەرنىڭ روخسىتىسىز سىرىتقا چىققان خەلقىنىڭ بوينىغا « يېزا كەنت كادىرلىرى بىزنى سىرىتقا چىقاماڭلار دەپ، ئورۇنلاشتۇرسا مەن سىرىتتا ئىتتەك لاغايلاپ يالاق يالاپ يۈردۈم »دەپ يېزىلغان تاختاينى ئېسىپ خورىلىغان. كەنتنىڭ قۇرچاق ئەمەلدارلىرى  قۇپال تەلەپپۇز بىلەن« بۇنىڭدىن كېىن روخسەتسىز سىرىتقا چىقامسىز چىقمامسىز؟» دەپ سىرىتقا قايتا چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.  

يەنە بىر سىندا، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تۈرپان ئاستانە يىزىسىغا تەۋە ئاۋات كەنتىدىن ئالتە كىىشنى تۇرغۇزۇپ جازالىغانلىقى، قۇرچاق ئەمەلدار قوپاللىق بىلەن جازالانغانلاردىن سىرىتقا چىققماسلىققان ۋەدە ئالغان.

مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋۇخەن ۋىروسىدىن مۇداپىئەلىنىش باھانسى بىلەن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر قانداق ئىشلار بىلەن سىرتقا چىقىدىغانلارمۇ مەخسۇس جەدۋەلنى توشقۇزۇپ ئىلتىماس سۇنۇشقا، ئىلتىماسقا نېمە ئۈچۈن چىقىدىغانلىقى، قانچىلىك ۋاقىت تۇرۇدىغانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلارنى تولۇق يېزىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇندىن باشقا ۋىرۇس ھەققىدە قالايمىقان ئۇچۇر تارقاتقانلارنى ئېغىرلىتىپ جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595ەخەخە    

بۇ خەۋەر 1779 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2020 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق