زىمىستان تورى: تىبەتلەردىن كېيىن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىك نىشانىغا ئايلاندى

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، بۇنىڭ پەقەت تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە خورلاش قىلمىشلىرى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

زىمىستان تورىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىدە شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قامالغان قىز-ئاياللارنىڭ ئېغىر قىين-قىستاقتىن سىرت يەنە ئاياغ ئاستى قىلىشقا ئۇچرايدىغانلىقى، جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ تىبەتتىمۇ بۇرۇندىن مەۋجۇت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇن تىبەتتىمۇ تەربىيەلەش مەركىزى نامىدىكى ئورۇنلارنى تەسىس قىلغانلىقى، مەيلى ئادەتتىكى دىندار پۇقرالار بولسۇن، ياكى دىنىي رەھبەرلەر ۋە راھىبلار بولسۇن، ئوخشاشلا بۇ يەرگە كىرىپ چىقىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەربىي مەشىق قىلىش، قىزىل ناخشا ئېيتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا خىتاي ساقچىلارنىڭ لاگېردىكى راھىبەلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىنىدىغانلىقى، بۇ رەزىل قىلمىشى ئارقىلىق تىبەتلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى، بۇنىڭ پىلانلىق ۋە ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىنىپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىز-ئاياللارنى پىلانلىق ئاياغ ئاستى قىلىش قىلمىشىنىڭ فالۇن گۇمپىسى مۇرتلىرى، تىبەتلەر ۋە باشقا تۇتقۇنلارغا ئىجرا قىلىنىپ كېلىنگەنلىكى، نۆۋەتتە مىليونلاپ تۇتقۇن قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ رەزىل جىنايەتنىڭ زىيانكەشلىك ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 2054 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2020 02:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق