قەھرىمانماراشتا «ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەش روھى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
11-فېۋرال تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش شەھىرى نەجىب فازىل قىساكۈرەك كۈلتۈر مەركىزىدە «ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.
يىغىن قەھرىمانماراشنىڭ فىرانسىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيە رەھبەرلىرى، قەھرىمانماراش ۋالىيسى، شەھەر باشلىقى ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلار، شۇنداقلا چەتئەلدىن گاگاۋۇز ئاپتونومىيە رەئىسى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى شەھەر باشلىقى، پەلەستىننىڭ ئەلخەلىل شەھەر باشلىقى، سۇرىيە، لىۋىيە، يەمەن ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.
قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوكتور ئالىمجان بۇغدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىپ، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئازادلىق روھى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. دوكتور سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرىشى جەريانىدىكى تىز پۈكمەس روھىنى ۋە يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۆت ئاي ئىلگىرى قەھرىمانماراش شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىنىڭ «قېرىنداش شەھەر» توختىمىنى ئىمزالىغان ۋاقىتتىن كېيىنلا بۇ يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، مۇھىم ئەربابلار قاتناشقان بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇنقى 12-فېۋرال كۈنى قەھرىمانماراشنى فىرانسىيە ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن قان تۆككەن. ئىتالىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر تۈركىيەنىڭ باشقا ۋىلايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە قەھرىمانماراش خەلقى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، فىرانسىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەھەرنى مۇستەقىل قىلغان تۈركىيە تارىخىدىكى بىر داستان بار ئىكەن. داستاندا بايان قىلىنىشىچە، قەھرىمانماراش مۇنقەرز بولۇپ، فىرانسىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر پەيتتە، رىزۋان خوجا ئىسىملىك بىر ئىمام جۈمە خۇتبىسىدە: «مۇسۇلمان بايرىقى ئېلىپ تاشلىنىپ، كاپىرلارنىڭ بايرىقى ئېسىلغان يەردە جۈمە ئوقۇش جائىز ئەمەس» دەپ چىقارغان پەتىۋانىڭ تۈرتكىسى بىلەن بارلىق جامائەت قوزغىلىپ، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ، فىرانسيە بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىغان ۋە تۈركىيە بايرىقىنى چىقارغان. ئەسلى قەھرىمانماراش شەھىرىنىڭ ئىسمى «ماراش» بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتى شەھەر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە شەھەرنىڭ ئىسمىنى «قەھرىمانماراش»قا ئۆزگەرتكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595