شەرقىي تۈركىستان ياشلار ھەيئىتى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ياشلار ھەيئىتى زەيتىنبۇرنۇ  رايونلۇق ھۆكۈمەتنى زىيارەت قىلدى

12-فېۋرال شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەھمەت ماكاس (Mehmet Makas) ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

 ھەيئەت زىيارەتتە مەھمەت ماكاس ئەپەندىگە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن خاتىرجەملىككە، ھەرخىل ساھەلەردە تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئېرىشىش ئارزۇلىرىنى يەتكۈزدى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 1747 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2020 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق