خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي ئۆلكىسىگە ئېلىپ ماڭغانلىقى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي ئۆلكىسىگە ئېلىپ ماڭغانلىقى دىققەت قوزغىدى

12-فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە تارقالغان بىر سىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى گۇاڭشىنىڭ بېيخەي شەھىرىگە يولغا سالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر سىندا مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سومكا-چامىدانلىرىنى ئېلىپ، مەكتەپ مەيدانىغا تىزىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئون ياش ئەتراپىدىكى بۇ قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار نامەلۇم بىر سەپەرگە تەشكىللەنگەن. سىندا يەنە تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرىنىڭ: «بالىلار بېيخەيگە 40 كۈنلۈك ماڭدى» دېگەن ئاۋازى ئاڭلانغان. ھازىرچە ئۇلارنىڭ مېڭىش سەۋەبى، قايسى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن بولمىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تېز يامراۋاتقان، كىشىلەرنى توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتىن چەكلەۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بېيخەي شەھىرىگە تەشكىللىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى.

11-فېۋرال خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيخەيدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانلارنىڭ سانى 39غا يەتكەن. تېببىي تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلەر بولسا 106غا يەتكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 1777 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2020 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق