شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار 59 غا يەتتى

شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار 59 غا يەتتى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 59 غا يەتكەن.

ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار نۆۋەتتە 59 غا يەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 20، غۇلجىدا 12، سانجىدا 4، تۇرپاندا 1، ئاقسۇدا 1، كورلىدا 3، 4-دېۋىزىيەدە 9، 6-دېۋىزىيەدە 1،شىخو شەھىرىدە 2، 7-دېۋىزىيەدە 1، 9-دېۋىزىيەدە 4، 12- دېۋىزىيەدە 1 ئىكەن. بۇلار ئىچىدە ئەھۋالى ئېغىرلىرى 10، خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار 5 ئىكەن.

بۇلاردىن سىرت،  پۈتكۈل رايوندا تېببىي تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلەر 4133 كە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دېۋىزىيە رايونلىرىغا قارىغاندا يەرلىكتە تېز بولغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 1611 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2020 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق