جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى يەنىلا خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا

جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى يەنىلا خەتەر ئىچىدە تۇرماقتا
ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغانلارنىڭ دەسلەپكى ئىككى كىشىدىن ھازىرقى 55 كىشىگە يېتىشى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىگە قامالغانلارغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتمەكتە.
تۈركىيە يېڭى چاغ گېزىتى تورى بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، جازا لاگېرلىرىدىكى بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ كىچىك كامېرلارغا 50~60تىن قامىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تازىلىق ۋە داۋالاش جەھەتتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا تۇتقۇنلار ئۇزۇن مۇددەت قامىلىش سەۋەبلىك تېنى ئاجىزلەپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە بۇندىن بۇرۇنمۇ جازا لاگېرىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىپ تۇرغانلىقى، خىتاينىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ، قامالغانلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا يۇقۇملانغانلار 43مىڭغا يېقىنلاشقان، ئۆلگەنلەر مىڭدىن ئاشقان. شەرقىي تۈركىستاندا بولسا يۇقۇملانغانلار 55كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1695 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2020 21:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق