«شەرقىي تۈركىستان سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى
ئىستانبۇلدا يېڭىدىن قۇرۇلغان «شەرقى تۈركىستان سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى» (Doğu Türkistan Girişimci Esnaf ve Sanayici İşadamları Derneği)نىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى بۈگۈن (11-يانۋار) مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. يىغىنغا جەمئىيەت رەئىسى ئەخمەتجان رازىق رىياسەتچىلىك قىلدى.
تۇنجى قېتىملىق يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ئىشخانىسىدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى. يىغىن باشتىن ئاخىر قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشتى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى «شەرقى تۈركىستان سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەمئىيەت ئاخىرى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئەنگە ئېلىنىپ، رەسمىي تەستىقلانغان ئىدى.