ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

9-فېۋرال ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرىستېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىننى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. پائالىيەت تۈركىيەدە ھەر قايسى كەسپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش، يېڭىچە روھ ۋە جانلىق كەيپىيات بىلەن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۆزئارا تونۇشۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش ۋە يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان.
يىغىلىشقا تەجرىبىلىك ئۇستازلار تەكلىپ قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم «ئىمان ۋە ۋەتەن» تېمىسىدا، تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت «تەشكىللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا، ئىسلامىي بىلىملەر دوكتورانتى ئابدۇراھمان جامال «ئىدېئولوگىيەنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا، ئىسلام ئىقتىسادى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابدۇلھەفىز مەخسۇم «ئۆگىنىش تېخنىكلىرى» تېمىسىدا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ماگىستىرى مۇھەممەد ئاتاۋۇللاھ «خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە دۇنيا رىقابەت ئىستراتېگىيەسى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇستازلاردىن تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك سوراپ، مەسىلىلەر ئۆزئارا ئەركىن مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1890 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2020 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق