نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ساغلاملىق ھەققىدە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ساغلاملىق ھەققىدە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى
7-فېۋرال شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئالاھىدە قۇرۇپ بېرىلگەن كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا ئاساسلىق سۇرىيە كۆچمەنلىرى، قوشۇمچە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئۈچۈن سەھىيە جەھەتتىن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان فاتىھتىكى شۆبە مەسئۇللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 6-فېۋرال ساغلاملىق ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ھەققىدە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى.
شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم-قىزلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ تۇنجى ئىلمىي ساغلاملىق لېكسىيەسىگە نۇزۇگۇم جەمئىيىتى تەرىپىدىن تىزىملىنىپ تەشكىللەنگەن 20 خانىم-قىز قاتناشتى.
لېكسىيە سۆزلىگۈچى سەنا تىرتئوغلى خانىم تۈركىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئوزۇقلۇقشۇناس مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ لېكسىيەسىدە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى بولغان نورمالسىز، پەرۋاسىز ۋە ئىلمىي بولمىغان ئوزۇقلىنىشتىن كېلىپ چىققان سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىرىنى، ئوزۇقلىنىشتىكى يېمەكلىك تاللاش ۋە ھەرقايسى يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە بولغان ئىجابىي، سەلبىي تەسىرلىرىنى سۈرەت، سان-سىپىر ۋە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن چۈشەندۈردى.
لېكسىيەگە قاتناشقان خانىم-قىزلارنىڭ ھەممىسى بۇندىن بۇرۇن ساغلاملىق بىلىملىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ ۋە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك ھاياتىدا ئوزۇقلىنىشتىكى نۇرغۇن خاتا چۈشەنچە ۋە ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغانلىقى، بۇ لېكىسىيەدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مەركەز مەسئۇللىرى تەلەپكە بىنائەن گۇرۇپپا بولۇپ كەلگەن ئەر ۋە ئاياللارغا يەنە بۇ خىل لېكسىيەلەرنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ساغلاملىق مەركىزى يەنە چەتئەللىك كۆچمەنلەرگە ئىچكى كېسەللىكلەر، سۆڭەك كېسەللىكلىرى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش، تېببىي سىن ئېلىش قاتارلىق تېببىي مۇلازىمەتلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 1807 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2020 19:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق