خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تۈرمىگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تۈرمىگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلاندى
6‏-فېۋرال ۋال كوچىسى گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم جازا لاگېرلىرىنى تۈرمىگە ئۆزگەرتكەن.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ ئىككى مۇخبىرى يېقىندا خوتەن ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلىش ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نىڭ بوشىتىلغانلىقى، بىراق لاگېردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىگە ياكى قاماقخانىغا، يەنە بىر قىسمىنىڭ زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى، ئىلگىرى خىتاي «قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرىنىڭ تاقالغانلىقى، قەشقەر شەھىرىگە بىر سائەتلىك يەردىكى لاگېرىنىڭ تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ئىلگىرىكى بىر مەكتەپنى تۈرمە قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى، بۇنىڭغا يەرلىك خەلقنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى، مۇخبىر ئۇ يەردە زىيارەت قىلىۋاتقاندا بىر ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ مۇخبىرلارنى توسۇپ، بۇ ئورۇننىڭ تۈرمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، لاگېر سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تۈرمىگە ياكى زاۋۇت-كارخانىلارغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ياكى دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە يەنە خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ يەرلىشىشكە ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باشقىچە تەدبىرلەر بىلەن كونترول قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازا لاگېرى سەۋەبلىك خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئالدىنقى يىللىرى لاگېردىكى بىگۇناھ كىشىلەرنى 10 يىلدىن 20 يىلغىچە كېسىپ، شەرقي تۈركىستان ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ بىر قىسىم لاگېرلارنى تۈرمىگە ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى باشقا يەرگە بۇرىماقچى بولغانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاچىلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازا لاگېرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشكە كۈچىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 2095 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2020 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق