خىتاي شىركەت-كارخانىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

خىتاي شىركەت-كارخانىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى
7-فېۋرال خىتاينىڭ «ئامانلىق ئاكسىيەسى» تورى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەت-كارخانىلارنى جەلب قىلىش مەقسىتىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئالاقىدار بىر دوكلات ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆت چوڭ كۆمۈر كان، ئۈچ چوڭ نېفىتلىك، توققۇز چوڭ شامال رايونى ۋە 18 دەريادا غايەت زور ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تولۇپ ياتقانلىقى، سۈپىتى يۇقىرى ۋە ئېچىش ئاسان ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر ئىشلەپچىرىش مىقدارى 238 مىليون توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %24.9 ئاشقان. شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر زاپىسى تېيىز ئورۇنلاردا بولغاچقا، قېزىش ئاسان، تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى خىتاينىڭ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، دوكلاتتا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاش كۆلىمىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك بايلىقىمۇ خىتاينى تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ، 2019-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توك يەتكۈزۈش مىقدارى 71.2 مىليارد كىلوۋاتقا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1.4 ئاشقان. بۇ توك ئېنېرگىيەسى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە يەتكۈزۈلگەن.
دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ئىكەنلىكى، نوپۇسى ئاز، زېمىنى كەڭرى، بايلىقى مول ئىكەنلىكى، تۈرلۈك ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئېچىشقا ئاسان ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە خىتايلارنىڭ ھەرقايسى شىركەت-گۇرۇھلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 1588 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2020 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق