ش ت ت ب خەلق دېپلوماتىيە ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلماقتا

ش ت ت ب خەلق دېپلوماتىيە ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلماقتا
6-فېۋرال تەيۋەن مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋەكىلى خوڭرۇخاۋ (Horng Ru Ho) شەرقىي تۈركىستان خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھماننى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان مائارىپ جەمئىيىتى مەركىزىي ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان مۇخبىرغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ تەيۋەندە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسنى راۋاجلاندۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا ھەمبەھرىلەش ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1583 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2020 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق