ئوسمانلى مىراسلىرىنى قوغداش جەمئىيىتى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئوسمانلى مىراسلىرىنى قوغداش جەمئىيىتى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

6-فېۋرال خەلقئارا ئوسمانلى مىراسلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش جەمئىيىتى رەئىسى مۇجاھىد مەھمەت ئۆزدەمىر يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر جەمئىيەت ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسنىڭ تۈركىيەدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە بۇ ھالىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ھەققىدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 1569 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2020 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق