ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يېڭى تارقىلىش ئەھۋالى (7-فېۋرال)

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يېڭى تارقىلىش ئەھۋالى (7-فېۋرال)
6-فېۋرال خىتاينىڭ جىڭ تور گېزىتى بەرگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 39غا يەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە يەنە ئۈچ كىشى كۆپەيگەن، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
نۆۋەتتە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى: ئۈرۈمچىدە 18، غۇلجىدا 9، سانجىدا 2، تۇرپاندا 1، ئاقسۇدا 1، 6-دېۋىزىيەدە 1، 7-دېۋىزىيەدە 1، شىخو شەھىرىدە 1، 9-دېۋىزىيەدە 4 ئىكەن.
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامراپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا قاتارلىق ئۈچ رايونىنى تۇنجى بولۇپ سىرتقا تاقىغان، كىرىپ-چىقىش تولۇق چەكلەنگەن. پۈتكۈل رايوندا كۆزىتىلىۋاتقانلار 2392 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1467 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2020 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق