خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن قامال قىلىشنى كۈچەيتتى

خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن قامال قىلىشنى كۈچەيتتى
6-فېۋرال ئىجتىمائي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قامال قىلىشنى كۈچەيتكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا تارقاتقان تام تەشۋىقاتلىرىدا «تالاغا چىقساڭ پۇتۇڭنى، گەپ قىلساڭ چىشىڭنى چاقىمىز!» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلەرنىڭ بولۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ھەققىدە چۈشۈرگەن مەخپىي ھۆججىتىدىمۇ «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» دېگەن سۆزلەرنىڭ بارلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغان بىر مەسىلە. خىتاي تاجاۋزچىلىرى ئۈچ يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسا، ۋىرۇس مەزگىلىدە باستۇرۇش ۋە قامال قىلىش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارمۇ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1397 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2020 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق