ئىستانبۇلدا «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
5-فېۋرال ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزىدە 1997-يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەت ئابدۇجېلىل قارىنىڭ مۇڭلۇق قىرائىتى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ جەريانى ۋە شېھىتلەر كېچىسى پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى رەئىسى مۇھىددىنجان ئۇيغۇر، يېڭى رەفاھ پارتىيەسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە رەئىسى ئونۇر دولار، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى تىبەت يۈجە تۈرك، بۈيۈك تۈركىستانلىقلار تەتقىقات ۋە كۈچلەندۈرۈش جەمئىيىتى رەئىسى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى، يەسەۋى ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى كۈرشات مىجان قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى سالام سۆزى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىستىقلال بۆلۈمى تەييارلىغان غۇلجا قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم قويۇلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن جىھاد ئېڭى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
پىروفېسسور، دوكتور ھاجى قۇتلۇق سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى توغرا بولغان ئىسلام ئەقىدىسىگە قايتىپ، مۇشۇ يىغىلىشقا كەلگەندەك جىھادىي ھەرىكەتكە كېلەلىگەندىلا مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە «مۇجاھىدنى يوقلاپ قوي» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ، سەھنىنى گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن جانلاندۇرىۋەتتى.
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئاتائۇللاھ ھەلپەتھاجىم «شېھىتنىڭ پەزىيلىتى» تېمىسدا توختۇلۇپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇشنىڭ پەزىيلىتى، شېھىتلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن جىھادى ھەرىكەتكە ئاتالىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دەۋەت گۇرۇپپىسى مەسئۇلى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى سۆز قىلىپ، «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى چۈشەندۈردى ھەمدە شېھىتلەرنى ئۈلگە قىلىپ ۋە ئىسلام دىنىغا مۇستەھكەم ئېسىلىپ ماڭغاندىلا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
.
پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى قاسىمجان داموللام سۆز قىلىپ، غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئارقىدىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان پىروفېسسور، دوكتور جالال ئەرباينىڭ ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن قىسقا فىلىم قويۇلدى ۋە دوكتور جالال ئەرباينىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى خىزمەتلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن مېدال بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تەقدىم قىلىندى.
ئاخىرىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش يولىدا مۇھىم بولغان مەپكۇرىلەرنى قىسقىچە بايان قىلدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن شېھىتلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەت جەريانىدا ئۆسمۈرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار شېھىتلەر ھەققىدىكى شېئىر ۋە نەسىرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە ۋەتەن كۈيلەنگەن ناخشىلارنى ئورۇنلىدى.
يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا رەسىم كۆرگەزمىسى قىلىنىپ، كۆرگەزمىگە شېھىتلار، ئىككى جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر قويۇلدى.
پائالىيەت سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى مۇدىرى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ ۋابادا ھالاك بولۇشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋابادىن ئامان-ئېسەن بولۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى