ۋەتىنىمىزدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى

ۋەتىنىمىزدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى
6-فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 36گە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 25 ىنىڭ يەرلىكتىن، يەتتىسىنىڭ دېۋىزىيەدىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ سانى كۆپ رايونلاردا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپ بولغان. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى: ئۈرۈمچىدە 15، غۇلجىدا 9، سانجىدا 2، تۇرپاندا 1، ئاقسۇدا 1، 6-دېۋىزىيەدە 1، 7-دېۋىزىيەدە 1، شىخو شەھىرىدە 1، 9-دېۋىزىيەدە 4 ئىكەن.
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامراپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا قاتارلىق ئۈچ رايونىنى تۇنجى بولۇپ سىرتقا تاقىغان، كىرىپ-چىقىش تولۇق چەكلەنگەن. پۈتكۈل رايوندا كۆزىتىلىۋاتقانلار 2210غا يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1378 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2020 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق