شەرقىي تۈركىستاندىن ۋۇخەنگە يەنە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىلدى

4-فېۋرال خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرى ۋۇخەنگە يەنە 100 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتكەن.

خەۋەردە بۇ داۋالاش ئەترىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن، قەشقەر، كورلا، تۇرپان، قاراماي قاتارلىق رايونلاردىن تەشكىللەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ ھەقتە تارقىتىلغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر-سېستىرالارنى مەجبۇرىي تەشكىللىگەن. ھەتتا كوچىلاردا «ۋۇخەنگە بارىدىغانلار چاققان بولۇڭلار» دەپ چاقىرىق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەجبۇرىي تەشىكىللەنگەن داۋالاش ئەترىتىدىكى دوختۇر- سېستىرالارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئىكەن.
خۇبېيدىكى خىتايلار، ھەتتا دوختۇرلار ۋابا رايونىدىن قېچىۋاتقان بىر پەيتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خۇبېيغا مەجبۇرىي داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ھاۋا قاتنىشىنى توختاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى تاقىمىغانلىقى قاتتىق دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1168 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2020 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق