شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 32 گە يەتتى

4-فېۋرال شىنجىڭ تېز خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 32 گە يەتكەن.

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئاخبارات بۆلۈمى رايوندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 32 گە يەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 25ى يەرلىكتىن، 7سى دېۋىزىيەدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ سانى كۆپ رايونلاردا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپ بولغان. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى: ئۈرۈمچىدە 12، غۇلجىدا 9، سانجىدا 2، تۇرپاندا 1، ئاقسۇدا 1، 6-دېۋىزىيەدە 1، 7-دېۋىزىيەدە 1، شىخو شەھىرىدە 1، 9-دېۋىزىيەدە 4 ئىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە پۇتكۈل رايوندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئېھتىمالى بارلار ئىچىدە 1929 كىشى دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان.

بۇ خەۋەر 1206 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2020 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق