ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلدى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلدى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى1-فېۋرال ئۇيغۇر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۇنجى كۈنى 30غا يېقىن ماھىر كۇلۇبنىڭ مەشىقىگە قاتناشقان بولۇپ، سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، جەمئىيەت باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر كۆك بايراق سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇر پۇتبول كۇلۇبى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كۇلۇبى. كۇلۇبىمىزنى مىللىتىمىزدىكى تالانتلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مۇسابىقىلەردە شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىپ قاتنىشىشى ئۈچۈن، دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىدە بىز شەرقىي تۈركىستان ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىمىزنى جەۋلان قىلدۇرۇشى ئۈچۈن قۇرۇپ چىقتۇق. ئەلۋەتتە بۇ خەلقىمىزنىڭ بىزگە ئىشىنىشىگە ۋە كۇلۇبىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان: «بىر دەۋا ساغلام ئەقىدە، ساغلام يول، ساغلام پىكىر-چۈشەنچە ۋە ساغلام تەن بىلەن يېتىشكەن ياشلاردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇلار بۇ دەۋانىڭ ئومۇرتقىسى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىمۇ مۇشۇ ساغلام ياشلارنىڭ ساغلام ئىرادىسى بىلەن يۈكسەلگۈسى، ئىنشائاللاھ. شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پۇتبول، ۋالىبول، ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇش دېگەندەك تەنتەربىيە ساھەلىرىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى‌.

بۇ خەۋەر 1967 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2020 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق