سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي تىلىنى ئۆز مائارىپىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى

 

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالماننىڭ خىتاي زىيارىتى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي جازا لاگېرلىرىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت رەزىللىك بىلەن تۈگىمىدى. بەلكى ئۆز خەلقىگىمۇ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز بالا قازا ئېلىپ كېلىش بىلەن نەتىجىلەندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمى خەۋەر قاناللىرىدا كۆپلەپ بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرگە كۆرە، سەلمان بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالى مەكتەپكىچە بولغان بارلىق مائارىپ سېستىمىسىغا خىتاي تىلىنى رەسمىي ماددا قىلىپ بېكىتىش ھەققىدە خىتاي بىلەن توختام تۈزۈشكەن.

سەئۇدى تەرەپ بۇ ھالاكەتنىڭ ئىسمىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مەدەنىيەت ۋە سودا ئالاقە ئىشلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ئىككى خەلق ئارىسىدا كۆۋرۈك بولىدۇ دەپ ئاتىدى.

كۈزەتكۈچىلەر، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان بۇ باياناتىنىڭ خارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، سەلماننىڭ ئۆز خەلقىگە بارلىق رەزىللىكنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 39649 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2019 19:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق