خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ھەيئىتى تەشكىلاتلار بىرلىكىگە تەۋە جەمئىيەتلەرنى زىيارەت قىلدى
1-فېۋرال كانادا خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىدىن كەلگەن بىر ھەيئەت ئىستانبۇلدىكى تەشكىلاتلار بىرلىكىگە تەۋە جەمئىيەتلەرنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، شەرقىي تۈركسىتان كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركسىتان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت داۋامىدا ھەيئەتكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. تەشكىلات رەھبەرلىرى ھەيئەت بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى،تەرەققىياتى، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەزىيىتى، ئۇلارنىڭ ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
خەلقئارا ئىنسانىي يارەم ۋەقفى شەرقىي تۈركىستان كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياردەم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئېھتىياجى بار مۇھاجىرلارغا 100 لىرالىق كارتا تارقىتىپ بەردى.